ئامېرىكا دائېشقا قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن 11 مىليارد دوللار ئاجرىتىدۇ

نويابىر ئېيىدا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان باراك ئوبامانىڭ 2017 – يىللىق 4.1 تىرىليون دوللارلىق خامچوت پىلانى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلدى.

430083
ئامېرىكا دائېشقا قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن 11 مىليارد دوللار ئاجرىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خامچوتتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۈچۈن 582.7 مىليارد دوللار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈچۈن 50.1 مىليارد دوللار، خەزىنە مىنىستىرلىقى ئۈچۈن 13.3 مىليارد دوللار، دائېشقا قارشى ئۇرۇش ئۈچۈن 11 مىليارد دوللار، ئىتتىپاقداشلار ئۈچۈن 4.3 مىليارد دوللار، فېدېرال ئورگانلار ئۈچۈن 19 مىليارد دوللار ئاجرىتىلىدىكەن، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەش، تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ مەلۇم مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىلىدىكەن، بۇ مەبلەغلەر نېفىت شىركەتلىرىدىن ئېلىنىدىغان باجلاردىن يىغىلىدىكەن، نېفىت شىركەتلىرىدىن ھەر بىر ۋارىل نېفىت ئۈچۈن 10 دوللار باج ئېلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر