دۇنيا بويىچە 13 – چوڭ ھاۋا يوللىرى شىركىتى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 300 – ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇۋالدى.

428253
دۇنيا بويىچە 13 – چوڭ ھاۋا يوللىرى شىركىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 300 – ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇۋالدى.

يېڭى ئايروپىلان ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئىلكەر ئايجى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تەخمىنەن % 2 گە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇرتقىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، 300 – ئايروپىلان ئارقىلىق تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ دۇنيا بويىچە 13 – چوڭ ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 300 – ئايروپىلاننىڭ ئۈسكۈنىلىرى Airbus تەرىپىدىن يەرلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان، شۇنىڭ بىلەن 9 مىليون دوللار تېجەپ قېلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، 1933 – يىلى 5 ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇش سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلان سانىنى 2006 – يىلى 100 گە، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 300 گە يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر