«نېفىت ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن باھادا بولىدۇ»
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كرىستىن لاگاردى، نېفىتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن باھادا داۋاملىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
427759
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاگاردى مەرىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەققىدە توختالدى.
يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنىڭ % 60 تىنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لاگاردى، سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى ئارقىغا چېكىنىشنىڭ ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «% 65 – 70 قىممىتىنى يوقاتقان نېفىت بىلەن مېتاللار ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن باھادا داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ.» دېدى.