رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلىندى

غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى

122956
 رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەرب ئەللىرى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا تەرىپىدىن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھازىرلانغان ئېمبارگو پىلانىنىڭ تەپسىلاتى بۈگۈن ئېنىق بولىدىكەن.
ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست، ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي زىيىنىنى كۆپەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، مىڭ كىشىلىك رۇس ئەسكىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىن چېكىنمىگەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئالدى.
ئۇكرائىنا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى «مەخپىي ئىشغال» دەپ ئاتىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئېمبارگولارنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى توغرۇلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىغىندىن كېيىن بىكار قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
موسكۋا بولسا ئېمبارگو قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش پىلانىغا قارشى ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ئۇكرائىنادا ئىلگىرىمۇ ھازىرمۇ رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئالېكساندېر لۇكاشېۋىچ، ئۇكرائىنادا پەقەت پىدائىيلارنىڭلا بارلىقىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا چەتئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر