ئىستانبۇل نېفىت پايتەختى بولىدۇ

2017 - يىلى ئىستانبۇل نېفىت پايتەختى بولىدۇ

100792
ئىستانبۇل نېفىت پايتەختى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2017 - يىلى ئىستانبۇل نېفىت پايتەختى بولىدۇ.
تۈركىيە، 22 - نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سىمۋولىنى رۇسىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالدى.
رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك، ۋەكىللىك سىمۋولنى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىزغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
تانەر يىلدىز، «تۈركىيە بۇ ۋەزىپىنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇنلايدۇ» دېدى.
تانەر يىلدىزغا كۆرە، 22 - نۆۋەتلىك دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيى تۈركىيەنىڭ يەنىمۇ قۇدرەت تېپىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بىر قۇرۇلتاي بولىدۇ.
تۈركىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىمۇ دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدى.
نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق مىخانىزمى بولغان دۇنيا نېفىت قۇرۇلتىيى تۈپەيلى 2017 - يىلى تۈركىيەگە 50 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، 7 مىڭغا يېقىن زىيارەتچى ۋە 500 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر