تېخنېلوگىيەنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىگە قويۇلدى

70407
تېخنېلوگىيەنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىگە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىندا تۈركىيە شامىلى چىقماقتا؛ ئالەم بوشلۇقى ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە دۇنيانىڭ ساناقلىق يەرمەنكىلىرىدىن بىرى بولغان «ئىلا» نىڭ بۇ يىلقى مېھمان دۆلىتى تۈركىيە.
40 دۆلەتتىن 1200 شىركەت ئىشتىراك قىلغان يەرمەنكىدە تېخنېلوگىيەنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
ئېچىلىش لىنتىسىنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان كەسكەن يەرمەنكىدە، تۈركىيە دۇنيانىڭ چوڭ شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بايراقدار ئورگانلىرىدىن ASELSAN، ئىككى چوڭ شىركەت ئايرباس ۋە روللس رويس بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ASELSAN ئىدارە ھەيئىتى باشلىقى ھاسان جانپولات، كېلىشىمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ناھايىتى مۇھىم ئۇتۇقلارنى يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇداپىئە سانائىتىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ئورگانلاردىن ROKETSAN مۇ ئايرباس شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى. تۈركىيە 25- مايغىچە داۋاملىشىدىغان يەرمەنكىگە مۇداپىئە سانائىتى باشقارمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پۇقرالار ۋە ئەسكىرىي ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 17 شىركەت بىلەن ئىشتىراك قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر