IMF ئۇكرائىناغا 17 مىليارد دوللار كىرېدىت بېرىشىنى ماقۇللىدى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئۇكرائىناغا 17 مىليارد دوللار كىرېدىت بېرىشنى ماقۇللىدى.

62058
IMF ئۇكرائىناغا 17 مىليارد دوللار كىرېدىت بېرىشىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئۇكرائىناغا 17 مىليارد دوللار كىرېدىت بېرىشنى ماقۇللىدى. لېكىن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان كىرېدىتى باج ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى دېگەندەك كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. 17 مىليارد دوللارلىق كىرېدىت ئىككى يىل ئىچىدە ئۇكرائىناغا باسقۇچمۇ باسقۇچ بېرىلىدۇ.
3 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ دەرھال بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە. كىرېدىتنىڭ قالغان قىسىملىرىنىڭ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان ياكى بارمىغانلىقى تەكشۈرۈلىدۇ. مارت ئېيىدا ئۇكرائىنا كىرېدىتنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن نېفىت باھاسىنى 50% ئۆستۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر