تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يولى — «لىكيا»

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يولى — «لىكيا» توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1840262
تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يولى — «لىكيا»

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يولى — «لىكيا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان پىيادە يول يۈرىدىڭىز؟ ياكى سوئالىمىزنى ئۆزگەرتىپ سورىساق، ھەر كۈنى مۇنتىزم ھالەتتە پىيادە يول يۈرەمسىز؟ پىيادە مېڭىش ھەر قانداق پەسىل، ھەر قانداق جاي ۋە ھەر قانداق ياشتا، ھېچقانداق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرگە موھتاج بولماي تۇرۇپمۇ قىلغىلى بولىدىغان بىر تەنھەرىكەت تۈرى... ئۇ، مەيلى شەھەرنىڭ مەركىزىدە، مەيلى دېڭىز بويىدا، تاغدا ياكى ئورمانلىقتا... قەيەردە بولسىڭىز بولۇڭ، ھەرقانداق ۋاقىتتا قىلغىلى بولىدىغان تەنھەرىكەت  تۈرىدۇر.

ماڭغىنىڭىزدا مېڭىگە تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېن بارىدۇ، مېتابولىزم تېزلىشىدۇ، يۈرەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەدەندىكى مۇسكۇللار كۈچىيىدۇ. يېرىم سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرگەندە، ھورمۇنلارنىڭ ئاجراپ چىقىشىغا ئەگىشىپ كەيپىياتىڭىزدا ئاكتىپ ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. جىددىيلىك پەسىيىدۇ، ئەقىل ئەركىنلىشىدۇ، تەسەۋۋۇر ئىشىكى ئېچىلىدۇ...

داڭلىق مۇتەپەككۇر نىتچې (نېتزى) ئۇزۇن ۋاقىت مېڭىش ئارقىلىق باش ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىدۇ ۋە تەپەككۇر قىلىدۇ. ئۇ پىكىرلىرىنىڭ مېڭىش جەريانىدا بىخلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. فىرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولغان جان جاك روسسو، پەقەت پىيادە مېڭىش جەريانىدىلا ھەقىقىي مەنىدە تەپەككۇر قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ئىلھام مەنبەسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھىندىستاننىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋى داھىيسى گەندىنىڭ ئەنگلىيەگە قارشى قوزغىغان پاسسىپ قارشىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، 400 كىلومېتىرلىق تۈز يۈل يۈرۈشىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتىدا بىز يەنە ئەدەبىيات - سەنئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى بايان قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، ئەمدى بىز يولغا ئاتلىنىپ، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يولى «لىكيا» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشنى باشلايلى.

* * * * *

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇزۇن پىيادىلەر يولىنىڭ نامى قەدىمكى دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان لىكيادىن ئېلىنغان. ھازىرقى ئانتاليا بىلەن فەتھىيە قولتۇقى ئارىلىقىغا جايلاشقان تەكە يېرىم ئارىلىنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئىسمى «لىكيا» ئىدى. لىكيا بىرلەشمىسى تارىختىكى تۇنجى دېموكراتىك ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرگەن 23 شەھەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى نوپۇسى ئىككى يۈز مىڭغا يەتسە كېرەك، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. چۈنكى بىرلەشمىنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە ھەيۋەتلىك شەھەرلەر بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرى ساياھەت مەركەزلىرى ئىچىدىكى كىشىلەر كۆپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان جايلارغا ئايلانغان بولسا، يەنە بەزىلىرى پەقەت قىزىقىدىغانلارلا ئىزدەپ تېپىپ كۆرىدىغان خارابىلىك ھالىتىدە تۇرماقتا. شۇنداق، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يولى لىكيا، 550 كىلومېتىرلىق لىنىيەسى بويىچە سىزنى قەدىمكى لىكيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تەبىئەت بىلەن تارىخ، دېڭىز بىلەن دەرەخزارلىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەيران قالارلىق ئىشلارغا تولغان بىر يول. بۇ يولنى تولۇق بېسىپ ئۆتكەنلەر يىگىرمە نەچچە قەدىمىي شەھەرنى زىيارەت قىلالايدۇ، كۆك ۋە يېشىل رەڭلەرنىڭ نەچچە ئون خىل تۈرىنى، ئادەمزاتسىز ۋادىلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئېگىز – پەس، ئوڭغۇل – دوڭغۇل بۇ يولنى تولۇق بېسىپ ئۆتۈش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، مايىللىقلارغا ئاساسەن ئوخشىمىغان لىنىيەلەر شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، نېمىگە بەكرەك قىزىقسىڭىز، شۇنىڭغا ئاساسەن لىنىيەڭىزنى بېكىتپ، يولنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم سىز ئۇ ھەيۋەتلىك ئۆڭكۈرلەرنى چوققىلاردا تۇرۇپ تاماشا قىلىشنى، بەلكىم ساھىلدا چېدىر قۇرۇپ ھۇزۇرلىنىشنى ياقتۇرۇشىڭىز مۇمكىن. بەلكىدە، قەدىمكى خارابىلىكلەر ئارىسىدا ئايلىنىشنى ۋەياكى دورا – دەرمەك ھىدلىرىغا تويۇنغان ئورمانلىقتا سەيلە قىلىشنى ياقتۇرۇشىڭىز مۇمكىن... ئەلۋەتتە، ئىختىيار سىزدە!

* * * * *

لىكيا يولى ئەمەلىيەتتە رىم دەۋرىدىكى شەھەرلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان بىر يۈرۈش مۇستەقىل يوللاردىن ئىبارەتتۇر. تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئەڭ ئۇزۇن پىيادىلەر يولى، رىم يوللىرىنىڭ ئىزلىرى ۋە ئەينى دەۋردىكى كونا يوللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 30 مىڭ ئادەم بۇ يولنى بېسىپ ئۆتىدۇ! ئەلۋەتتە باشتىن ئاخىر ھەممىسىنى ئەمەس… چۈنكى 550 كىلومېتىرلىق يولنى تولۇق بېسىپ ئۆتۈش شارائىتنىڭ ياخشى بولۇشىدىن باشقا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  25  بىلەن 40  كۈن ئارىلىقىدا ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر سىز تەجرىبىلىك ساياھەتچى بولمىسىڭىز، بىر نەچچە كۈنلۈك يولنى تاللاپ مېڭىشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ. لىكيا يولىغا بېسىپ ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق بەلگە سىستېمىسى بويىچە بەلگىلەر قويۇلغان بولۇپ، كېسىشىش نۇقتىلىرىغا قويۇلغان سېرىق يۆنىلىش بەلگىلىرى بىلەن چېغىر ۋە توپا يوللاردىكى قىزىل ۋە ئاق سىزىقلار پىيادە ماڭغۇچىلارغا ياردەمچى بولىدۇ.

لىكا يولىنى يازدىن باشقا بارلىق پەسىللەردە پىيادە بېسىپ ئۆتكىلى بولىدۇ، چۈنكى ئاقدېڭىزنىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل بولۇپ، بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ھۆل-يېغىنغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، چۈنكى يامغۇر يەرنى تېيىلغاقلاشتۇرۈۋېتىدىغان بولغاچقا، تۆپىلىكلەرگە چىقىپ – چۈشۈشلەرنىڭ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.

* * * * *

لىكيا يولى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ ياخشى ئون پىيادىلەر ساياھەت يولىنىڭ بىرى. بۇ يولنى بېسىپ ئۆتۈشىڭىز جەريانىدا، داڭلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىمۇ، ئىلگىرى ئىسمىنى پەقەتلا ئاڭلاپ باقمىغان شەھەرلەرنىمۇ كۆرۈشكە نائىل بولىسىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ پەقەت خارابىلىكلىرىلا ساقلىنىپ قالغان... چۆكۈپ كەتكەن شەھەر ئاپېرلائى خارابىلىكى، سانتا كلاۋۇس قازا قىلغان مىرادىكى مىلىسىز سىھرىي كۈچكە ئىگە تاش قەبرىلەر ۋە شەھەرنىڭ قەدىمكى پورتى ئاندىرىياكە، جەسەت ساندۇقلۇق قەبرىستانلىق – فېللوس، يېرىمى سۇنىڭ ئىچىدە، يېرىمى سىرتىدا قالغان سىمەنا خارابىلىكى، شۇنداقلا، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سانتوس ۋە لېتۇن خارابىلىكى... سىز كۆرەلەيدىغان قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

 لىكيا يولى بويىدا پىيادە مېڭىش ئۈچۈنلا ئەمەس، سۇ ئۈزۈشنى ياكى ئاپتاپقا قاقلىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق جايلار بار. سېھىرلىك ئۆلۈك دېڭىز، ئۆزگىچە كۆرۈنۈشكە ئىگە قاپاق قولتۇقى، ئۇزۇنلۇقى 18 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزۇن تەبىئىي دېڭىز ساھىللىرىنىڭ بىرى بولغان پاتارا دېڭىز ساھىلى، يوشۇرۇن جەننەت — ئادراسان قولتۇقى، يەنە نۇرغۇن پىچىتى ئېچىلمىغان جىلغىلار...

تاغلارغا، تۆپىلىكلەرگە يامىشىشقا ئامراق كىشىلەر، تۈركىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن ئەڭ ئېگىز تېغى — تاختالىغا، يەنە بىر نامى بويىچە ئېيتقاندا، ئولىمپىس تېغىغا؛ دۇنيانىڭ ئاز ساندىكى سەدىر دەرەخلىرى بار سۇسىز تېغىغا يامىشالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تەكىرئوۋا، قىبرىس ھەمدە يوشۇرۇن شەھەر جىلغىلىرىدا چوققىلار ۋە قىيا تاشلار پەيدا قىلىدىغان ھاياجانلىنىشلارنى ھېس قىلالايدۇ.

تاشلىق بۇرنۇدىكى تۈركىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل ماياكى — گەلىدونيا، قەدىمكى دەۋرلەردىن قالغان ئىنژېنېرلىق ئابىدىسى دەلىككەمەر، دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جاي – ئۇلۇبۇرۇن، چىرالىدىكى يانارتاش كىمەرا، بۇ يولنى بېسىپ ئۆتۈشىڭىز جەريانىدا سىزگە يۇلۇقىدىغان ھەيران قالارلىق جايلارنىڭ پەقەتلا بىر قىسمى.

لىكيا يولى كۆپكۈك دېڭىز بىلەن ياپيېشىل تەبىئەت ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل يول. بىز بۇ يولنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا، تارىختىكى تۇنجى دېموكراتىك ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرگەن شەھەرلەرنى كۆرىمىز، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ھېس قىلىمىز. بۇ گۈزەل يولدا سىز تەبىئەتنىڭ، تەبىئەت سىزنىڭ بىر قىسمىڭىزغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر