سانتوس ۋە لېتون قەدىمكى شەھەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ھېكايىلىرى

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، لىكيا بىرلەشمىسىنىڭ پايتەختى قەدىمكى سانتوس ۋە رايوننىڭ دىنىي مەركىزى لېتون قەدىمكى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ قىزىقارلىق ئەپسانىۋىي قۇرۇلۇش ھېكايىسى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1836658
سانتوس ۋە لېتون قەدىمكى شەھەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ھېكايىلىرى

سانتوس ۋە لېتون قەدىمكى شەھەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ھېكايىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ تارىختىكى يورۇقلۇق دۆلىتى لىكياغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. لىكيانىڭ «يورۇقلۇق دۆلىتى» دەپ ئاتىلىشى، ئەلۋەتتە، بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى؛ چۈنكى لىكيانىڭ ھەر بىر شەھىرى ئەينى چاغدا يۇلتۇزدەك چاقنىغانىدى. ئانتاليا ۋىلايىتى چېگراسى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان سانتوس (Xanthos)، لېتون، پاتارا، ئولىمپوس ۋە فاسېلىس قاتارلىق يىگىرمە ئۈچ شەھەردىن تەشكىل تاپقان لىكيا بىرلەشمىسىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇلار ئانادولۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھېكايىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ماجالىدىن كەتكەن ئەنقا قۇشىغا ئوخشاش ۋەيران بولغاندىن كېيىن قايتا – قايتا قەد كۆتۈرگەن قايغۇلۇق تارىخقا ئىگە سانتوس ۋە  قىزىقارلىق ئەپسانىۋى قۇرۇلۇش ھېكايىسى بولغان لېتون، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

* * * * *

ئانادولۇنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقدېڭىز رايونى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە قۇچاق ئېچىپ، سانسىزلىغان مەدەنىيەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئانتاليانىڭ قاش ناھىيەسىدىكى سانتوسمۇ شۇنداق. سانتوس يۇنان مەدەنىيىتى دەۋرىدىن تارتىپ تاكى رىم ۋە ۋىزانتىيە دەۋرلىرىنىڭ ئىز - ئەسەرلىرى ۋە خارابىلىكلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەڭ ھەيۋەتلىك قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ لىكيا بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەمۇرىي مەركىزى، شۇنداقلا پايتەختى ئىدى. سانتوس دەرياسى قىرغىقىغا، يەنى ھازىرقى ئەشەن ئېقىنى بويىدىكى مۇنبەت تۇپراقلارغا قۇرۇلغان سانتوس، رايوننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەھىرى بولغاچقا، نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇملارغا ئۇچرايدۇ. قەدىمكى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم شائىرى گومېر، سانتوسنى ئىليادا داستانىدا <ترويا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ ۋەتىنى> دەپ تەسۋىرلەيدۇ. سانتوسلۇقلار جەڭچى خەلق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىن مەغلۇبىيەت دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. ئۇلار پارسلارنىڭ ئىستىلاسى جەريانىدا شەھەرلىرىنى ئاخىرقى لەھزىلەرگىچە قوغداپ جەڭ  قىلىدۇ. ئەمما، پارسلارنىڭ شەھەرنىڭ سۇ يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، خەلقنى سۇسىز قالدۇرۇشى بىلەن، ئۇرۇش ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئاخىرلىشىدۇ؛ سانتوسلۇقلار تەسلىم بولۇشنى ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمنى تاللايدۇ. تارىخنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىۋاتقان ھىرودوتۇسنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسىر بولۇپ ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان، قوبۇل قىلالمىغان سانتوسلىقلار، ئاياللار، بالىلار ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىر قەلئەگە سولاپ ئوت قويۇۋېتىدۇ، ئەرلەر بولسا، تاكى ئۆلگۈچە جەڭ قىلىدۇ... ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سانتوس، خارابىلىكى ئاستىدىن قايتىدىن قەد كۆتۈرىدۇ. بۇ شەھەر ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا يەنە بىر نەچچە قېتىم قورشاۋدا قالىدۇ، ۋەيران قىلىنىدۇ، لېكىن، ئۇ ھەر قېتىم قايتا قۇرۇلىدۇ. سانتوس مەشھۇر رىم ئەسكىرى بىرۇتۇسنىڭ قوماندانلىقىدىكى چوڭ قورشاۋدا ۋەيران بولىدۇ. بىراق، ئۆز دەۋرنىڭ رىم ئىمپېراتورى ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ئويلاپ، سانتوسنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ شەھەر يەنە بىر قېتىم قايتا قۇرۇلىدۇ. ۋىزانتىيە دەۋرىدە ئېپىسكوپ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئەرەبلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلىدۇ.

* * * * *

سانتوس بىردىن كۆپ مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر قەدىمىي شەھەر. گەرچە ئۇ قايغۇلۇق ھېكايىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باشقا شەھەرلەرگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار: ئۇ بولسىمۇ، لىكيا دەۋرىنىڭ تىكلىمە قەبرە تاشلىرى ۋە قىيا تاش قەبرىلىرىدۇر. لىكيالىقلارنىڭ رايوننىڭ تەبىئىي ماتېرىيالى بولغان ھاك تېشىدىن ياسالغان تاش جەسەت ساندۇقلىرى، بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ قىزىقارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

بۇ شەھەردە تەخمىنەن 15 چوڭ ھەجىملىك تىك شەكىللىك قەبرە بار بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قەبرىلەرنىڭ رايون سىرتىدا ھېچقانداق مىسالى يوق ئىكەن. لىكيا تىلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاش يېزىقلارمۇ يەنە مۇشۇ يەردىن تېپىلدى. سانتوستا يەنە ئۈچ كوچا ئېغىزى، بىر تىياتىرخانا ۋە پۇختا ساقلىنىپ قالغان بىر چوڭ تاش يول بار.

قەدىمكى تىياتىرخانىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان چوڭقۇر ئوركېستىر ئورىكى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ رىم دەۋرىدىكى گىلادىئاتورلار ئېلىشىشلىرىدىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. سەھنە بىناسىنىڭ ئالدى تەرەپ بېزەكلىرى ۋە تىياتىرخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان.

* * * * *

سانتوس خارابىلىكى، قەدىمكى شەھەر لېتون بىلەن بىرلىكتە، لىكيا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ۋە قېزىش جەريانىدا بايقالغان قېزىلمىلارنىڭ ئەھمىيىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ  دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. قەدىمكى دەۋر لىكياسىنىڭ دىنىي مەركىزى بولغان لېتوننىڭ سانتوس بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران تۆت كىلومېتىرلا كېلىدۇ.

لېتون شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئەپسانىۋى ھېكايە بار. ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، باش تەڭرى زېئۇس بىلەن تەڭرىچە لېتونىڭ قوشكېزەك بالىسى بولىدۇ.  تەڭرىچە لېتو قوشكېزەك بالىلىرى ئاپوللون بىلەن ئارتېمىسنى ئېلىپ، ئاقدېڭىز قىرغاقلىرىغا قېچىپ بېرىپ، لىكيانىڭ مەلۇم يېرىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئەپسانىلەرگە ئاساسلانغاندا، لېتون تەڭرى ئاپوللون بىلەن ئارتېمىسنىڭ ئانىسى لېتونىڭ نامىغا ئاتاپ قۇرۇلغان شەھەردۇر.

لېتون تارىخ بويىچە پارسلار، كاريانلار، ھېلېنلار ۋە رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىدۇ. ئاپوللون ۋە ئارتېمىس قاتارلىق مەشھۇر تەڭرىلەرنىڭ ناملىرى بىلەن ياد ئېتىلىدىغان بۇ شەھەر، بۇرۇن سانتوسقا قاراشلىق «مۇقەددەس» جاي ئىدى. ئەمما، كېيىنچە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ، پۈتۈن لىكيا رايونىنىڭ «مۇقەددەس» جايىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇقەددەس جايدا لېتو، ئاپوللون ۋە ئارتېمىس بۇتخانىلىرى، بىر ئابىدىۋى چەشمە ۋە رىم تىياتىرخانىسىنىڭ قالدۇقلىرى بار.

* * * * *

لېتون قەدىمكى شەھىرىدىكى زامانىمىزغىچە ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى، 2200 يىل ئىلگىرى سېلىنغان تىياتىرخانىدۇر. شەھەردىكى قېزىش جەريانىدا ئۈچ بۇتخانا قالدۇقى، ئابىدىۋى چەشمە ۋە بىر قىسىم پۈتۈكلەر تېپىلدى.

شەھەردىكى ئەڭ چوڭ بۇتخانا لېتو بۇتخانىسى بولۇپ، ئۇ ئاپوللون ۋە ئارتېمىسنىڭ ئانىسى لېتوغا بېغىشلاپ سېلىنغانىدى. بۇتخانىنىڭ يېنىدىن گىرېكچە، ئارامىچە ۋە لىكياچە پۈتۈكلەرمۇ تېپىلدى. يەنە بىر بۇتخانا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى سەنئەت، مۇزىكا ۋە ئىلھام تەڭرىسى ئاپوللونغا بېغىشلاپ سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى بۇتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، باشقىلارغا قارىغاندا كىچىكرەك بولغان ئارتېمىس بۇتخانىسى جايلاشقان. قېزىش جەريانىدا ئارتېمىس ۋە ئاپوللونغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئوق ۋە  يا سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن بىر موزايكىمۇ قېزىۋېلىندى.

* * * * *

يورۇقلۇق دۆلىتى لىكيا بىرلەشمىسىنىڭ ھەر بىر شەھىرى ئايرىم بايان قىلىشقا ئەرزىسىمۇ، ئەپسۇسكى، ۋاقتىمىز بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز بۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنى قوغلىماقچى بولغانلارنى تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇزۇن مۇساپىلىك پىيادىلەر يولى بولغان «لىكيا يولى» غا تەكلىپ قىلىمىز. لىكيا يولى — فەتھىيە، قاش، قالقانغا ئوخشاش ساھايەت مەركەزلىرىنى، پاتارا، ئولىمپوس، دېڭىز ئاستىدىكى ئاپېريال ۋە يەنە نۇرغۇن مۇھىم قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان تەڭداشسىز بىر يول. قەدىمكى يولدىن ئىلھاملىنىپ ئېلىنغان — تەبىئەت بىلەن تارىخ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن 550 كىلومېتىرلىق — بۇ لىنىيەدە، لىكيا مەدەنىيىتىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكلىرىگە شاھىت بولالايسىز!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر