ئۇزۇنيۇۋا ھالىكارناس مەقبەرىسى

«ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئانادولۇدىكى ئەڭ چوڭ ئارخولوگىيەلىك بايقاشلارنىڭ بىرى ۋە ھالىكارناس مەقبەرىسىنىڭ باشلامچىسى: ئۇزۇنيۇۋا ھالىكارناس مەقبەرىسى ۋە جايى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

1832762
ئۇزۇنيۇۋا ھالىكارناس مەقبەرىسى
Halikarnas antik kenti tiyatrosu.jpg
Halikarnas Mozolesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سىز ئىلگىرى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسى توغرىسىدا ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟ باشقىچە ئېيتقاندا، قەدىمكى دۇنيادا ئىز قالدۇرغان، كۆرگۈچىلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرىدىغان ھەيۋەتلىك نادىر يادىكارلىقلار ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ ئۇلار بىناكارلىق ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرى يەتكەن سەۋىيەنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلۇشلاردۇر. ھەر بىرى بىر گىگانت ئەسەر بولغان ئۇ قۇرۇلۇشلار، «پەۋقۇلئاددە» دېگەن سۈپەتنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

 قەدىمكى دۇنيانىڭ بۇ يەتتە مۆجىزىسى ئىچىدە، پەقەت مىسىردىكى كېئوپس ئېھرامىلا زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، باشقىلىرى، ئەپسۇسكى، ۋاقىت، تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە كىشىلەر پەيدا قىلغان بۇزغۇنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ... ئانادولۇدىمۇ قەدىمكى دەۋردە دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزەسىنىڭ ئىككىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەفەستىكى ئارتېمىس بۇتخانىسى، يەنە بىرى پادىشاھ موزولوسقا ئاتاپ سېلىنغان ھالىكارناس مەقبەرىسى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىر – بىرىدىن ھەيۋەتلىك، بىر – بېرىدىن ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلاردۇر. ئەمما، ھالىكارناس مەقبەرىسى بىر ئاز ئۆزگىچە. چۈنكى بۇ مەقبەرىدىن كېيىنكى بارلىق مەقبەرىلەر، پادىشاھنىڭ نامىغا ئاساسەن «موزولە يەنى، مەقبەرە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قەدىمكى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم خاتىرە قەبىرىسى پادىشاھ موزولۇسقا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دادىسىغا تەۋە.

* * * * *

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مىلاس ناھىيەسىدە ئانادولۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارخولوگىيەلىك رايونلىرىنىڭ بىرى بار. ئارخېئولوگىيە دۇنياسى پادىشاھ خېكاتومنوسنىڭ مەقبەرىسىنىڭ بايقىلىشىغا «مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ بايقاش» دەپ باھا بېرىدۇ . مەزكۇر رايوندا قانۇنسىز قېزىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن تېپىلغان بۇ قەبرە، قەدىمكى دەۋرنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ئابىدىۋى قەبىرىسى دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى بۇ قەبرە قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى بولغان ھالىكارناس مەقبەرىسى بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇنى ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ قەبرىنىڭ لايىھەلەش، تام رەسىملىرى ۋە قاپارتما نەقش قاتارلىقلار جەھەتتە ئۈستۈن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇزۇنيۇۋا خېكاتومنوس مەقبەرىسى ۋە مۇقەددەس جايى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

خېكاتومنوس مەقبەرىسى ئانادولۇ تۇپراقلىرىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن تارىخ ياتىدۇ، دېگەن جۈملىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەكلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنداق، قەبرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىش ھېكايىسى بىر ئاز قايغۇلۇق بىر ھېكايە... قەبرە بۇلاڭچىلىقى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا بىر توپ كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ ئۆلۈكلەر بىلەن دەپنە قىلىنغانلىقىنى بىلىدىغان بۇ كىشىلەر، باي بولۇش ئارزۇسى بىلەن قەبرىلەرنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ. مىلاستىكى خېكاتومنوس مەقبەرىسىمۇ مەدەنىيەت ۋە تارىخ دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىدۇ. ئىككى مىڭ تۆت يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئىزلار رەھىمسىزلەرچە زەربىگە ئۇچرايدۇ. ئۆزگىچە تام رەسىملىرى ۋە ئويما جەسەت ساندۇقلىرى كۈچلۈك نەمدىن نېسىۋېسىنى ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر،  ئويما يەرلىكنىڭ خەزىنە ئوۋچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن بۇرۇن قۇتقۇزۇۋېلىنىشىغا «كاتتا تەلەي» دەپ باھا بېرىدۇ.

* * * * *

پادىشاھ خېكاتومنوس قەدىمكى دەۋرلەردە كارىيا رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان مىلاسادا مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، نۇرغۇن ئىمارەتلەرنى سالىدۇ. شەھەرنىڭ گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغان پادىشاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوغلى موزولۇس، دادىسى ئۈچۈن، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىر قەبرە ياسىتىپ، دادىسىنىڭ نامىنىڭ مەڭگۈ ياد ئېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلماقچى بولىدۇ.

قەبرە يەر چوڭقۇر كولىنىپ سېلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، قەبرە قۇرۇلۇشىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبقا ئاساسەن پىلانلانغانلىقىنى بايقايدۇ. قەبرىنىڭ ئىچىدىكى جەسەت ساندۇقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قەبرە ئىچىنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. جەسەت ساندۇقىنىڭ تۆت تەرىپى بەلۋاغقا ئوخشاش رېشاتكىلار بىلەن بېزىلىدۇ. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئۆزگىچە بىر ئەسەر. نەقىشلەر پادىشاھ خېكاتومنوس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا دائىر كارتىنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەسەت ساندۇقى چوڭلۇقى، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن ھۈنەر – سەنئەت ۋە ئويما نەقشلىرى بىلەن ئانادولۇدىكى بىردىنبىر مىسال دەپ قارىلىدۇ. قەبرە ئىچىدىكى تام رەسىملىرىمۇ تېخنىكىلىق ۋە سەنئەت جەھەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ سەۋىيەسىدىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ.

* * * * *

ئۇزۇنيۇۋا خېكاتومنوس قەدىمىي مەقبەرىسى، مۇقەددەس جايى بىلەن بىرلىكتە 2400 يىل ئىلگىرىكى چاغلاردىن بۈگۈنلەرگە يېتىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس جايدىكى مەقبەرىنىڭ سىرتىدا «مېناندروسقا بېغىشلانغان شەرەپ تۈۋرۈكى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈۋرۈك بار. مىلاسادىكى مېناندروسنىڭ ھەيكىلى بىر چاغلاردا سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ شەرەپ تۈۋرۈكىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. بۇ تۈۋرۈك بۈگۈنكى كۈندە بېلىقئالغۇچلارغا ئۇۋا بولماقتا. تەتقىقاتچىلار، خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بۇ تۆۋرۈكنى مەقبەرىنىڭ بىر قىسمى دەپ خاتا ئويلاپ قالىدۇ. ھالبۇكى، تۈۋرۈك بىلەن قەبرە ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر باغلىنىش، تۈۋرۈكنىڭ قەبرە سېلىنىپ بىر ئەسىردىن كېيىن مازارنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇشىدۇر. ئەمەلىيەتتە، بۇ تۈۋرۈك خېكاتومنوس مەقبەرىسىنى بايقاش ھېكايىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قانۇنسىز قېزىشنىڭ بۇ مەرمەر تۈۋرۈكنىڭ ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇلاڭچىلارنىڭ دەپنە ئۆيىگە كىرىش ئۈچۈن بۇ تۈۋرۈكنىڭ ئاستىدىن تۆشۈك ئاچقانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مەقبەرىدىن چىقىرىلغان ئالتۇن تاج بىلەن تاغ ئۆچكىسى ھەيكىلى چەت ئەلدىن تېپىلىپ، تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، بۇلاڭچىلارنىڭ قەبرىدىن يەنە نېمىلەرنى كولاپ چىقارغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

* * * * *

ئۇزۇنيۇۋا خېكاتومنوس پادىشاھى مەقبەرىسى ۋە مۇقەددەس جايى ب د ت مائارىپ، ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، بۇ يەر ئۈستى ئوچۇق مۇزېيغا ئۆزگەرتىلىدۇ. دەپنە قىلىش ئۆيى، جەسەت ساندۇقى ۋە تام رەسىملىرى قانۇنسىز قېزىش جەريانىدا يېتەرلىك دەرىجىدە بۇزۇلغان بولغاچقا، ئىچىگە زىيارەتچىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جەسەت ساندۇقى قەبرە ئىچىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىگىلىگەچكە، زىيارەت قىلىشقىمۇ ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، جەسەت ساندۇقى ئەسلىگە ئاساسەن كۆپەيتىلىپ، قەبرىستانلىقنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە زىيارەتچىلەرگە سۇنۇلماقتا.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇنيۇۋا ئوچۇق ھاۋا مۇزېيىدا قەدىمكى دەۋردىن قالغان قۇدۇق، چوڭ قۇربانلىق سۇپىسى، مەرمەر ياتقۇزۇلغان يول، پول موزايكىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىدىغان بىر رىم دەۋرى داچا ، ھەمدە مىلاس گىلەم مۇزېيى بار... چۈنكى مىلاس گىلەملىرى ھەر خىل نەقىش ۋە رەڭلىرى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ئەسىرلەرنىڭ مەدەنىيەت بېرىكمىلىرى مىلاس گىلەملىرىدىن ھالقىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر