تۇنجى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى لۇكىئانوس

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تۇنجى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى لۇكىئانوس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1812257
تۇنجى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى لۇكىئانوس

تۇنجى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى لۇكىئانوس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئادەتتىن تاشقىرى ۋاقىت، ئورۇن ياكى پېرسوناژلار ... بىر - بىرىدىن ۋە بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىزدىن پەرقلىق مەخلۇقلار بار بىر كائىناتتىكى قەتئىي ئاددەتكىچە بولمىغان ھادىسىلەر ... رەڭگى، پۇرىقى، چوڭ ياكى كىچىكلىكى بىلەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەم بىز ياشاۋاتقان دۇنيادا، ھەم ئۇنىڭدىن تولىمۇ يىراقتا يۈز بەرگەن سېھىرىي كۈچكە ئىگە چۈشىنىكسىز كائىنات... فانتازىيەلىك رومانلار بىر ئەدەبىي ژانىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇرمەنلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان دۇنيالارنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ مايىللىقىڭىزنى بىلمەيمىز، ئەمما فانتازىيەلىك رومانلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خېلى زور سالماققا ئىگە مەستانىلىرى بار. ھەر بىر ھېكايىدە ئوقۇرمەنلەر ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرى سايىسىدا ئوخشىمىغان ساھەلەرگە قەدەم قويىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ژانىرغا قىزىقىدىغان بىرى بولسىڭىز، ئېسىڭىزگە دەرھال بىر نەچچە مىسال كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا سىزدىن تۇنجى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىساق، بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە جۇلىس ۋېرنې كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بۇ تېمىنىڭ ھەقىقىي قىزىققۇچىلىرى توماس مور (تامىس مور)نى ئەسكە ئالىدۇ.  ھەقىقەتەنمۇ توماس مورنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 500 يىل مۇقەددەم يازغان «ئوتۇپىيە» ناملىق ئەسىرى، فانتازىيەلىك رومانلارنىڭ باشلانغۇچى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما بىز ئۇنىڭ تۇنجى فانتازىيەلىك رومان ئەمەسلىكىنى، تۇنجىسىنىڭ ئانادولۇ زېمىنلىرىدا يېزىلغانلىقىنى ئېيتساق، ھەيران قالامسىز؟ شۇنداق، تۇنجى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى سامساتلىق، ھازىرقى نامى بويىچە ئېيتقاندا ئادىيامانلىق لۇكىئانوس ئىدى.

* * * * *

فانتازىيە دېگەن سۆز خىيال دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا رېئال بولمىغان چەكسىز دۇنيا مەنىسى يوشۇرۇنغان. چەك – چېگراسى يوق دۇنيالار ۋە ئۇ يەرلەردىكى خىيالىي پېرسوناژلار… گىگانت ئادەملەر، پەتەكلەر، بۆرە ئادەملەر، ۋومپېرلار، ئالەم بوشلۇقى، دېڭىز ياكى يانار تاغلارغا سەپەر قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلار… ئادەتتە، مۇمكىن بولمايدىغان ۋە مەۋجۇت بولمىغان دۇنيانىڭ ئىشىكلىرى فانتازىيەلىك رومانلار بىلەن ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 19 ئەسىر ئىلگىرى، بۇ ئىشىكنى ئوقۇرمەنلەرگە تۇنجى بولۇپ ئاچقان كىشى سامساتلىق لۇكىئانوس ئىدى. يېڭىلىقلار، تۇنجىلارغا تولغان ئانادولۇ بۇ قېتىم ئالدىمىزغا بىر فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسىنى چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ فانتازىيەلىك ياكى سېھىرلىك ھېكايە - داستانلار سۆزلىنەتتى. ھىندىستانلىقلار ۋە سۇمېرلارنىڭ بۇ تۈرگە ئائىت نۇرغۇن رىۋايەتلىرى بار. لېكىن، ئۇلار ئېغىز ئەدەبىياتى كاتېگورىيەسىگە تەۋە. بۇ ساھەدە تۇنجى بولۇپ يازما ئەسەر قالدۇرغان لۇكىئانوس، ھەم ئۆز دەۋرى ھەمدە زامانىۋى دۇنيادا ئىز قالدۇرغان كىشىدۇر. لۇكىئانوس بۈگۈنكى ئادىيامان چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان سامساتتا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، تارىخ، ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن، كىلاسسىك دەۋرنىڭ گومېر ۋە ئەپلاتونغا ئوخشاش داڭلىق زاتلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، نوپۇز ۋە خۇراپاتلىققا قەتئىي قارشى ئىدى؛ ھەقىقەت ۋە پاكىتنى ئاساس قىلىپ ھايات كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرەتتى. ئۇ قەدىمكى يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدىغان ئەپسانىۋى ئېلېمېنتلارنى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخشۇناسلىقنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى. لۇكىئانوس: «تارىخچىنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ۋەقەلەرنى ئۆز پېتى يېزىشتۇر» دېگەنىدى. ئۇ تارىخىي داستانلاردا مۇبالىغە، مەدھىيە ياكى مەسخىرىگە ئورۇن بېرىشنى تەنقىد قىلىپ، تارىخنىڭ تەرەپسىز شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولغاچقا، دېگەندەك ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەنىدى. ئەمما بەزىلەر ئۇنى كىلاسسىك دەۋرنىڭ ۋولتىرى دەپ تەسۋىرلىسە، يەنە بەزىلەر ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭداشسىز ئەربابى، دەپ قارايدۇ.

* * * * *

لۇكىئانوسنى تۇنجى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتۈرگىنى، ئۇنىڭ «ھەقىقىي ھېكايە» ناملىق ئەسىرىدۇر. لۇكىئانوسنىڭ ئاي شارىغا قىلىنغان سەپەرنى تېما قىلغان بۇ ھېكايىنى يېزىشتىكى مەقسىتى، رېئاللىقتىن ھالقىغان ۋەقەلەر بايان قىلىنغان ساياھەتنامىلەرنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە بۇ كىتابى ئارقىلىق ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايە ۋە فانتازىيەلىك رومان ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسىنى سالغانىدى. بۇ ئىلاھلار ۋە سېھىرگەرلەر ئىشلارغا ئارىلاشمىغان، پەقەت ئىمكانسىز دېيىلىۋاتقان ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان ئاددىي كىشىلەر ئورۇن ئالغان تۇنجى ھېكايە ئىدى.

ئۇ كىتابىنى «سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىمەن، سىلەرگە ھازىرغىچە ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ يالغانلارنى ئېيتىمەن، بۇ پۈتكۈل كىتابتىكى بىردىنبىر ھەقىقىي ئىبارىدۇر» دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلىغانىدى. ئۇ بۇ سۆزلەر بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ تارىخچىلىرى ۋە يازغۇچىلىرىنى تەنقىدلەيدۇ. لۇكىئانوس ھېكايىسىدە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئەللىك تەنھەرىكەتچىنىڭ دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ دېڭىز سەپىرىگە ئاتلىنىش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلغانىدى.

ياخشى باشلانغان سەپەرنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ھاۋارايى بۇزۇلىدۇ. ئۈچ ئايغا يېقىن بوران – چاپقۇن ئىچىدە يول ئالغاندىن كېيىن، شىددەتلىك بوران ئۇلارنى لەگلەكتەك ئۇچۇرۇپ شارسىمان ھالەتتە نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئارالغا ئوخشاش بىر مەملىكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار تۆۋەنگە قاراپ يەر يۈزىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاي شارىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. لۇكىئانوس ھېكايىسىدە ئارىدىن نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىلمىي فانتازىيەلىك رومان ۋە كىنولارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلار يېتىپ بارغان ئاي شارىدا ئىنسانلارمۇ، غەلىتە، سەت ۋە قورقۇنچلۇق جانلىقلارمۇ ياشىماقتا ئىدى.  ئۇ يەردە چوڭلۇقى ئون ئىككى پىلدەك كېلىدىغان گىگانت بۈرگىلەر، تورلىرى بىلەن يوللارنى توسۇۋالىغان غايەت زور ئۆمۈچۈكلەر، قاناتلىرى يېسسىۋېلەكتىن چوڭ توخۇلار، پاشا ياكى كەركىدان مىنگۈچىلەر بار ئىدى.

ھېكايىنىڭ داۋامىدا ئاي بىلەن قۇياش ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئاسماندىن ئايرىلغان تەۋەككۈلچىلەر، ئەپسانىلەرنىڭ مەشھۇر جەننىتى بولغان «مۇبارەكلەر ئارىلى»غا كېلىدۇ. لۇكىئانوس بۇ يەرنىمۇ ئىلگىرى تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان ئېلېمېنتلار بىلەن يەنە بىر قېتىم تەسۋىرلەپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئالتۇندىن، تاملىرىنىڭ زۇمرەتتىن ۋە پەشتاقلىرىنىڭ پىل چىشىدىن ياسالغانلىقىنى يازىدۇ. كېچە - كۈندۈز يوق، پەقەتلا تاڭ پەيتى ھالىتىدە تۇرىدىغان بۇ شەھەردە ھېچكىم قېرىمايدۇ. باشاقلار بۇغداينىڭ ئورنىغا كىچىك نانلارنى بېرىدۇ، شەھەردە ئەتىرگۈل سۈيى ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ بار. بۇ يەدە ۋاقىت پۈتۈنلەي باشقىچە ئۆتىدۇ...

* * * * *

يېزىلغان دەۋر نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، ناھايىتى تەسىرلىك ۋە قىزىقارلىق شەكىلدە يېزىلغان ئەسەر، جۇلىس ۋېرنېنىڭ كۈچلۈك ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن «ئايغا سەپەر» ناملىق رومانىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، كىتابتىكى پىلانېتلار ئارا جەڭ، كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى»غىمۇ ئىلھام بېرىدۇ. ھەتتا، «ئوتۇپىيە»نى لۇكىئانوسنىڭ زامانىۋى نۇسخىسى دېگۈچىلەرمۇ يوق ئەمەس.

دېڭىزلاردىكى بايقاش دەۋرى باشلىنىشتىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى، سامساتلىق لۇكىئانوس دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئۇ تەرىپىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىغا قىزىقىدۇ. ئۇ بوشلۇق ۋە ئاي شارى ساياھىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان بىر چاغدا ئالەم ساياھىتىنىڭ تەپسىلىي تەسۋىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ ئوقۇرمەنلىرىگە بىزگە تونۇش بۇ دۇنيادىن يىراق باشقا بىر دۇنيانى بارلىق جانلىق ۋە جانسىز ئېلېمېنتلىرى بىلەن قوشۇپ ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرى چۈش، تەسەۋۋۇر، زىددىيەتلىك ئىدىيەلەر ۋە قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. بۈگۈنكى فانتازىيەلىك ۋە ئىلمىي فانتازىيەلىك ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زاتلىرىنىڭ لۇكىئانوستىن سەل قاراشقا بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئىلھام ئالغانلىقىنى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر