بلىنكېن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن نىيۇ يورك شەھىرىدە ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان بىلەن ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

1882033
بلىنكېن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەم ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ھەمدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان يېقىنقى كۆرۈشۈشلىرىدە، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆزىگە تىنچلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «كۈچلۈك، سىجىل دىپلوماتىك ئارىلىشىش ھەممە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يولدۇر. ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى يوق. ئەمما مېنىڭچە، ئىختىلاپلارنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق يولى بار. ئامېرىكا بۇ تىرىشچانلىقلارنى قوللاش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە غەيرەت كۆرسىتىشكە تەييار.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بلىنكېن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى سۈركىلەشلەردىن كېيىن تەرەپلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن.

تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىنچلىق مۇساپىسىگە قايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن بلىنكېن، كەسپداشلىرى بىلەن كېلەر قېتىم تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان، ھەمدە ھەر ئىككى مىنىستىرنى مۇشۇ ئاي ئىچىدە قايتا كۆرۈشۈشكە تەشۋىق قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر