ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1693044
ئاقار ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار،  15 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇداپىئە سائانىتى يەرمەنكىسى (IDEF’21) دائىرىسىدە، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ  بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سانائىتىدە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئەرمېنىيە تەرىپىدىن يېقىنقى مەزگىلدە ئەزەربەيجاننىڭ چېگرا لىنىيەسىدىكى تاجاۋۇزچىلىق، ئىغۋاگەرلىك ۋە ھۇجۇم قاتارلىق قىلمىشلرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ئاقار، تۈركىيەنىڭ ھەققانىي داۋاسىدا ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر