ئەلىيېۋ لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىنى زىيارەت قىلدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىنى زىيارەت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ رەپىقىسى مېھرىبان ئەلىيېۋ تەرىپىدىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئۆزى ھەيدىگەن ماشىنا بىلەن رايوندا زىيارەتتە بولىدۇ، يول بويى ۋەيران ھالەتتىكى ئولتۇراق رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ، بارلىق يېزا – قىشلاقلارنىڭ ئەرمېنىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، كەلبەجەر ۋە لاچىن ۋىلايەتلىرىنىڭ تاغلىرى، ۋادىلىرى ۋە ئورمانلىقلىرى بىلەن مىسلىسىز گۈزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ، زىيارىتى دائىرىسىدە، توغانئەلى – كەلبەجەر تاش يولى بويىدىكى مۇروۋداغدا ۋە كەلبەجەر – لاچىن تاش يولى بويىدا بەرپا قىلىنىدىغان تۇنېللار قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
لاچىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنىمۇ خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن ئەلىيېۋ، كەلبەجەر شەھەر مەركىزىدە ئەزەربەيجان بايرىقىنى چىقاردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.