ئەزەربەيجاننىڭ ئۈچىنچى تۈركۈم ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى
ئەزەربەيجان دالا ئوت ئاپەتلىرىنى تىزگىنلەش كۈرىشىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى تۈركۈم ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى تۈركىيەگە يولغا سالدى.
1686079
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرلىقىنىڭ 40 دانە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە 150 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتى.
ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ئەزەربەيجاننىڭ بىر ئايروپىلانىمۇ رېمونت قىلىش ئۈچۈن بارغان ئەزەربەيجاندا بىر كۈن تۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.
ئەزەربەيجان بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيەگە 320 خادىم، 53 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە 1 تىك ئۇچار ئەۋەتكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.