تۈركىيە: ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلدى

تۈركىيە ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1553742
تۈركىيە: ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاغلىق قاراباغدا قورال تاپشۇرۇش ۋە چېكىنىشنى رەت قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۈستۈن قاراباغدا قورال تاپشۇرۇش ۋە چېكىنىشنى رەت قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قاراتقان بۇ ھۇجۇملىرى، 2020 – يىلى، 9 – نويابىر كۈنى <3 تەرەپ باياننامىسى> ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر.»

ئىلگىرى 26 – نويابىر كۈنى، كېيىنچە 8 -، 11 – ۋە 27 - دېكابىر  كۈنلىرى ئەرمېنىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان تەرەپتىن ھەربىيلەر ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «<3 تەرەپ باياننامىسى> گە ئىمزا قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ چېكىنىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىش جاۋابكارلىقى ئەرمېنىيەگە ئائىتتۇر. ئەزەربەيجان تەرەپ، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچلىكلىرىگە قارشى قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ. رايوندا ئورنىتىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقنىڭ تەرەپدارى بولالىشى ئۈچۈن، ئەرمېنىيە ساھەدىكى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى ۋە <3 تەرەپ باياننامىسى> نىڭ ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلىشى شەرت.»

ئۇ يەنە، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرىغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە بارلىق ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر