ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئازاد قىلىنغان چېگرا لىنيەلىرىدە بايراق چىقاردى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان ئىران چېگراسىدىكى زەنگىلانغا چېگرا قاراۋۇلخانىلىرى قۇرۇپ بايراق چىقاردى.

1524331
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئازاد قىلىنغان چېگرا لىنيەلىرىدە بايراق چىقاردى
azerbaycan zengilan bayrak1.jpg
azerbaycan zengilan bayrak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەنگىلان ۋىلايىتىگە جايلاشقان مىنجىۋان، سولتانلى، شەرىفان، مۇغانلى، تىرى، مەممەدبەيلى چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئەزەربەيجان مىللىي مارشىنى ئوقۇدى ۋە بايراق چىقاردى.

چېگرا قاراۋۇلخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پولكوۋنىك ئابباسوۋ ئافدانلى شۇشا شەھىرى ئازاد قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈن ھېسابلىنىدۇ. بىز مۇزەپپەر باش قوماندانىمىزنىڭ ئارىدىن 28 يىل ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن شۇشانىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى بىزگە يەتكۈزگەنلىكىنىڭ خۇشاللىقىنى ياشاۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ چېگرا لىنيەلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 132 كىلومېتىرلىق جاينىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنىپ، دۈشمەندىن تازىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئەزەربەيجان ۋە قېرىنداش تۈركىيە خەلقىگە سالام ئېيتىمىز. قاراباغ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان خەلقى بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھىرلىنىمىز» دېدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 2020-يىلى 22-ئۆكتەبىر ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەرزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىنىڭ 132 كىلومېتىرلىق قىسمىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ چېگرا لىنيەسىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجان خەلقى ۋە ئىران خەلقىنى تەبرىكلىگەن ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر