سۈرىيەلىك ئەرمەنلەرنىڭ ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئىسپاتلاندى
سۈرىيەلىك ئەرمەنلەرنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ ۋە ئەتراپىدىكى باشقا ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغالدىن ئازاد قىلغان زەنگىلان شەھىرىدە، ئەرمېنىيە ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بىنانىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى جەريانىدا، تېگىنى ئەرمېنىيەلىك سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان بىر تىزىملىك ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرى تېپىلدى.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن سۈرىيەلىك 60 ئەرمەننىڭ (جەمئىي 19 ئائىلە)، ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردا ئەرمېنىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى باسقۇچىدا زەنگىلان رايونىغا يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، ئۇدا 23 يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى زەنگىلان شەھەر مەركىزىنى 20 – ئۆكتەبىر كۈنى ئازاد قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

قازاقىستاندا ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
قازاقىستاندا ھۆكۈمەت يېڭى ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلىنىشى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.