ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1520986
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئاغدەرە، خوجاۋەند، زەنگىلان ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت 4 دانە «گراند» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 9 دانە تۈرلۈك توپ، بىر دانە «KUB» تىپلىق زېنىت توپ، ئىككى دانە ئوق - دورا قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلانغان، كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئەرمېنىيە كۈچلىرى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ھالدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە چارلاش ئېلىپ بارغان ئەرمېنىيەگە ئائىت بىر تاكتىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر