ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1519178
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار ئاساسلىقى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئاغدەرە، خوجاۋەند ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدە داۋاملاشقان.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. تۈنۈگۈن كۈن بويى ۋە بۈگۈن يېرىم كېچىدە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئىككى دانە «T-72» تىپلىق بىرونېۋىك، 2 دانە «سمەرچ» ۋە 2 دانە «گراند» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 12 دانە تۈرلۈك توپ، بىر دانە «OSA» تىپلىق زېنىت توپ، بىر دانە رادار ماشىنىسى ۋە 2 دانە ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان، كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان.

مىنىستىرلىقنىڭ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردىن ئېتىبارەن تەرتەر، ئاغدام ۋە ئاغجابەدى ۋىلايەتلىرىنى توپقا تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر