ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە مۇخبىرلار خەتەرگە دۇچ كەلدى

ئەزەربەيجان كونتروللۇقىغا ئۆتكەن سۇكاۋۇشاندا ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئاتقان راكېتا رايوندىكى مۇخبىرلارنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى.

1516997
ئەزەربەيجان ئالدىنقى سېپىدە مۇخبىرلار خەتەرگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا، مۇخبىرلار ئۇچراۋاتقان خەتەر ئاشماقتا. يۈر بەرگەن ۋەقەلەرنى دۇنياغا يەتكۈزۈۋاتقان ئاخباراتچىلار بار رايونلار، مېنامىيوت ۋە راكېتالارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.

مەزكۇر ۋەقە ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان سۇكاۋۇشاندا يۈز بەردى. رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر تەييارلاۋاتقان يۇرونىيۇس (Euronews) ئاخباراتچىلىرى، ئەرمېنىيەنىڭ راكېتا ئوقىدىن قۇتۇلالمىغىلى تاس قالدى. ئاپتوموبىل تېيىلىپ كەتكەن بولسىمۇ كونترولدىن چىقىپ كەتمىدى. راكېتا ئوقى ئاپتوموبىلدا ئەتراپنى سىنغا ئېلىۋاتقان كامېراغا چۈشۈپ قالدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر