ئەزەربەيجان ئارمىيەسى مۇھىم يەرلەر ۋە ئېگىزلىكلەرنى ئازاد قىلدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا مۇھىم يەرلەر ۋە ئېگىزلىكلەرنى كونترول ئاستىغا ئالدى.

1514432
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى مۇھىم يەرلەر ۋە ئېگىزلىكلەرنى ئازاد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈن بويى ئاغدەرە، فۇزۇلى، ھادرۇت، جەبرايىل ۋە گۇبادلى يۆنىشلىرىدا ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈرلۈك شەكىلدە داۋاملاشقان بولۇپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى مۇداپىئە لىنىيەسىگە توپ ۋە مىناميوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ فۇزۇلى، جەبرايىل ۋە گۇبادلى يۆنىلىشلىرىدىكى ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن، ئاندىن بۇ يۆنىلىشلەردە مۇھىم يەرلەر ۋە ئېگىزلىكلەرنى كونترول ئاستىغا ئالغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، پۈتكۈل ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنى بويلاپ، ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي مەنبەلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان شەكىلدە ۋەيران قىلىنغان. ئەرمېنىيە كۈچلىرى ھەربىي ئەسلىھە، قورال – ياراغ، ئوق-دورا ۋە يېمەك - ئىچمەك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پۈتكۈل ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنى بويلاپ توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ۋەزىيەت تامامەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر