ئەزەربەيجان يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

ئەزەربەيجان يېڭى تىپتىكى كامىكازې (ھۇجۇمچى) ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى.

1514032
ئەزەربەيجان يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقى، ئەزەربەيجاننىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى يۇقىرى يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر يېڭى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنى «ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلايمىز» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن «ئىت قوغلىغۇچى» دەپ نام بېرىلدى.

مەزكۇر يېڭى تىپ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر