ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

1513947
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ بۈگۈن (2020-يىلى 22-ئۆكتەبىر) ئەتىگەن تەرەپلەردە نەخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەدەرەك ۋە شەرۇر رايونلىرىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەزەربەيجاننىڭ سىيەزەن، گەبەلە ۋە قۇردەمىر ۋىلايەتلىرىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى. 

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەن سانەت 7 ئەتراپىدا سىيەزەن ۋىلايىتىگە 3، سائەت 9 ئەتراپىدا گەبەلە ۋىلايىتىگە 2، قۇردەمىر ۋىلايىتىگە بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان.

ئەرمېنىيە زېمىنلىرىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار پۇقرالارنى نىشان قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا  بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر