ئەزەربەيجان: ئەرمېنىيە پ ك ك تېررورچىلىرىنى ئالدىنقى سەپتە جەڭگە قاتناشتۇرماقتا

ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1513893
ئەزەربەيجان: ئەرمېنىيە پ ك ك تېررورچىلىرىنى ئالدىنقى سەپتە جەڭگە قاتناشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىكمەت ھاجىيېۋ ئەنگلىيە چەت ئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۇيۇشتۇرغان پائالىيىتىدە سۆز قىلدى.

سۈرىيەدىن ئەزەربەيجانغا جەڭ قىلغۇچىلارنىڭ يۆتكەلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋانى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھاجىيېۋ، «ئالدى بىلەن، بىزنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجىمىز يوق، بىزنىڭ ئىنتايىن كەسپىيلەشكەن ئارمىيەمىز بار ، يەتكۈدەك دەرىجىدە زاپاس كۈچىمىز بار» دېدى.

ئەرمېنىيە سېپىدە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن جەڭچىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشارت قىلغان ھاجىيۋ، سۈرىيە، لىۋان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا، بولۇپمۇ فىرانسىيەدىن كەلگەن ئەرمەنلەرنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسى سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەرمېنىيەنىڭ (چەت ئەللەردە ياشايدىغان) ئەرمەنلەرنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھاجىيېۋ، «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىزنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئۇلارمۇ ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى سېپىدىن ئورۇن ئالماقتا. (پ ك ك تېررورچىلىرى) ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەرمېنىيەگە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن قورال- ياراغ يۆتكەش مەسىلىسىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھاجىيېۋ، «ئەرمېنىيە تەرەپ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ. ئۇلار يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يۈكلىمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا ، «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» دېگەن نام ئاستىدا رايونغا قورال- ياراغ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا يۆتكەلمەكتە. ئەرمېنىيە، رەسمىي ئايروپىلانىنى گويا رەسمىي زىيارەت قىلىنىۋاتقاندەك قىياپەتتە ئىشلىتىپ، ئەرمېنىيە قورال ئېلىپ كەلمەكتە ۋە بۇلار بىلەن ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرمەكتە. بۇ مەسىلىمۇ خەلقئارا تاراتقۇلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەك» دېدى.

ھىكمەت ھاجىيېۋ، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەت ۋە قېرىنداشلىق رىشتىسى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەنىڭ بىزنى قوللىشى ئەخلاقىي، دىپلوماتىك ۋە  جۇغراپىيەلىك قوللاشتۇر. تۈركىيە ، رايون خاراكتېرلىك دۆلەتتۇر. تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننى دىپلوماتىك ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن قوللىشى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. ئەلۋەتتە ، بۇ ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ساھەسى ھەمكارلىقى بار، بىراق بۇنى ئەزەربەيجاننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشكە  ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ ئۇرۇشقا ئشىتىراك قىلىشى دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر