ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىرىم ۋىلايەتلىرىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەزەربەيجاننىڭ سىيەزەن، گەبەلە ۋە قۇردەمىر ۋىلايەتلىرىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.

1513762
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ بىر قىرىم ۋىلايەتلىرىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى بۈگۈن ئەتىگەن سانەت 7 ئەتراپىدا سىيەزەن ۋىلايىتىگە 3، سائەت 9 ئەتراپىدا گەبەلە ۋىلايىتىگە 2، قۇردەمىر ۋىلايىتىگە بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان.

ئەرمېنىيە زېمىنلىرىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار پۇقرالارنى نىشان قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا  بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر