ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پۇقرالار سانىنى ئېلان قىلدى

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ئاھالىلەر رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە جەمئىي 63 كىشى قازا قىلدى، 292 كىشى يارىلاندى.

1513237
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پۇقرالار سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى، 27 – سېنتەبىردىن 21 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندىكى ئەرمېنىيە ھۇجۇملىرى پەيدا قىلغان ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيانغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جەرياندىكى ئەرمېنىيە ھۇجۇملىرىدا 63 نەپەر ئەزەربەيجان پۇقراسى جېنىدىن ئايرىلغان، 292 سى يارىلانغان.

ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا يەنە 1981 ئۆي – ماكان، 90 ئائىلىلىكلەر بىناسى ۋە 386 ھۆكۈمەت بىناسى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر