ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرماقتا

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرماقتا.

1512214
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈن بويى ئاغدەرە، ئاغدام، فۇزۇلى، ھادرۇت، جەبرايىل، گۇبادلى ۋە زېنگىلان يۆنىشلىرلىرىدە تىركىشىشكە ئۇرۇنغان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە قارشى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى تۈرلۈك قويۇقلۇقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنى توپقا تۇتۇشى ۋە زەمبىرەكلەر ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە ئائىت ئىككى دانە «T-72» تىپلىق تانكا، 4 دانە «گراند» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، بىر دانە « D-30 » تىپلىق «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ۋە 5 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىغان. بۇ جەرياندا، كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكىرى بىر تەرەپ قىلىنغان، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كىرگۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر