«ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى داۋاملاشقان تەقدىردە كاۋكاز كىرىزىسى ھەل بولمايدۇ»

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەرمېنىيەنىڭ تاغلىق قاراباغ ۋە ئەتراپىدىكى ئىشغالىيىتى داۋاملاشقان تەقدىردە كاۋكاز رايونى كىرىزىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1512409
«ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى داۋاملاشقان تەقدىردە كاۋكاز كىرىزىسى ھەل بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىدە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىگە ئۇدا 30 يىلدىن بۇيان ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ مېڭىسى ئۆلگەنلىكىنى، ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەسىنىڭ 5 تىن بىرىنىڭ ئۇدا 30 يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھازىرغىچە بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ جانجىگەر قېرىندىشى ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، پۇقرالار ۋە مەسۇم كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان قاراقچى دۆلەت ئەرمېنىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە كۈچى يەتمەيۋاتقان، ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىدىن ئارقىسىغىمۇ قارىماستىن قېچىۋاتقان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى پۇقرالارنى داۋاملىق قەتل قىلماقتا. ھالبۇكى، بۇ ئوچۇق – ئاشكارا <ئۇرۇش جىنايىتى> دۇر. ئۇنداقتا، دۇنيادىن <بۇنى لەنەتلىمىسەڭلار، نېمىنى لەنەتلەيسىلەر؟> دەپ سوراش كېرەك.»

داۋاملىق قوللاشقا ئېرىشكەن تەقدىردە، ئەرمېنىيەنىڭ كاۋكاز رايونىدىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن شەنتوپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ خەۋپلىك ئويۇننى ئەرمېنىيەنى قانات ئاستىغا ئالغانلار دەرھال توختىتىشى لازىم. ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلاردىن دەرھال چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى شەرت. ئەرمېنىيەنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتۇۋاتقانلار بۇ ئويۇننى ئەمدى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەزەربەيجاننىڭ يەنە 30 يىل كۈتكۈدەك ۋاقتى يوقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر