ئەلىيېۋ زەنگىلاننىڭ شەھەر مەركىزىنى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ زەنگىلاننىڭ شەھەر مەركىزى ۋە 6 يېزا بىلەن بىرگە فۇزۇلى، جەبرائىل ۋە خوجاۋەند قاتارلىق 18 يېزىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1512659
ئەلىيېۋ زەنگىلاننىڭ شەھەر مەركىزىنى ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان تۇرالغۇ رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتكى باياناتىدا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تەرتەر ۋىلايىتىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، جەمىللى يېزىسىدا بىر ئۆيگە توپ ئوقى چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ خەلققە قىلغان خىتابىدا، فۇزۇلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق، دورتچىنار، كۈرتلەر، يۇقىرى ئابدۇراخمانلى، قارغاپازار، تۆۋەنكى ۋەيسەللى ۋە يۇقىرى ئايباسانلى، جەبرائىل ۋىلايىتىگە قاراشلىق سارافشا، ھاسەنقايدى، فۇگانلى، ئىمامباغى، تاشۋەيسەللى، ئاقتەپە ۋە يار ئېھمەدلى، خوجاۋېند ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقجاكەند، مۇلكۇدەرە، تاشباشى، گۈنەشلى ۋە ۋەنگ يېزىلىرىنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ خوجاۋەندنىڭ ۋەنگ كەنتىنىڭ ئىسمىنى چىنارلى دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ زەنگىلان ۋىلايىتى زېمىنىنى ئازاد قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  شەھەر مەركىزى  بىلەن بىرگەö ھاۋالى، زەرنەلى، ماممادبەيلى ، ھەكەرى، شەرىفان ۋە مۇگانلى يېزىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ 241 دانە تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى، 39 دانە تانكىنى ئولجا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىلھام ئەلىيېۋ، دۈشمەننىڭ تۆت دانە «S-300» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر