شەنتوپ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باكۇدا ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1512454
شەنتوپ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى زىيارىتى جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى ۋە كۈنتەرتىپتىكى باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بايراموۋ، بۇ باسقۇچتا تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. شەنتوپمۇ، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ھەققاني داۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر