شەنتوپ ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1511714
شەنتوپ ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئەزەربەيجاندا، ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ئائىلە تۇرالغۇ جايلىرىغا توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن ۋەتەن زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ ب د ت شەرتنامىسىنىڭ 51-ماددىسىدىكى «ئۆزىنى قانۇنلۇق قوغداش» ھوقۇقى بويىچە تېگىشلىك ئىشنى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەتلەردە خەلقئارالىق قانۇنغا بويسۇنۇپ، ھەربىي نۇقتىلار بىلەنلا كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ بولسا، پۇقرالارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەزەربەيجان خەلقئارالىق قانۇنغا ۋە ئۇرۇش ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئەرمېنىيە بۇنى قىلمايۋاتىدۇ. ئۇرۇش قانۇنىغا رېئايە قىلمىغان، پۇقرالارنى بومباردىمان نىشانى قىلغان بىر دۆلەتتىن ئۇرۇش توختىتىشقا رېئايە قىلىشنى كۈتۈش بىمەنىلىكتۇر» دېدى.

ئۇ ئەرمېنىيەنىڭ گەنجەگە ۋە باشقا ۋىلايەتلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ، جەنۋە شەرتنامىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بىتەرەپ تۇرۇشى بىلەن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇش جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرىدىغان سوت مەھكىمىسىدە ئەرمېنىيەنى سوتلاش مۇمكىن. ئەمما بۇ ئۇرۇش جىنايىتىنى پۈتكۈل دۇنيا كۆرۈشى كېرەك. ئەلبەتتە، دۇنيا كۆرۈۋاتىدۇ، بىراق كۈنتەرتىپكە قويۇشى ۋە مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى دۆلەتلەر، پۇقرالارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاۋاز چىقارمىغانلار ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتكە شېرىك بولىدۇ.»

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ مۇقەددەس كۈرەشنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تاغلىق قاراباغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان كۈرەشنى، پەقەت تۈركىيە دۆلىتىلا ئەمەس، بەلكى 83 مىليون تۈركىيە خەلقىنىڭمۇ قوللىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر