ئەرمېنىيەنىڭ قەبرىستانلىققا قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار يەرلىككە قويۇلدى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر شەھىرىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا مېيىتلىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانلارنى ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە قازا قىلغان پۇقرالار دەپنە قىلىندى.

1510028
ئەرمېنىيەنىڭ قەبرىستانلىققا قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار يەرلىككە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا ئاياللار يېقىن  - يورۇقلىرىنى يىغا - زارە، ئاھۇ - پەرياد  ئىچىدە ئاخىرەت سەپىرىگە يولغا سالدى.

ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ««بىز ئادەتتە مېيىتلىرىمىزنى كۈندۈزى دەپنە قىلىمىز، ئەمما (ئىككىنچى بىر) ھۇجۇم ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ قېتىم ئۇلارنى كېچىدە دەپنە قىلىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، تۈنۈگۈن تەرتەر شەھىرىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا مېيىتلىرىنى دەپنە قىلىۋاتقان ئەزەربەيجان پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 4 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر