ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا ئېغىر زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1509310
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئاغدەرە ، ئاغدام ، فۇزۇلى ، جەبرايل ۋە خادرۇت يۆنىلىشىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلەردىكىدەكلا جىددىي ئىكەنلىكى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كېچە بويىچە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا،  2 دانە T-72 تىپلىق تانكا ، 1 دانە Tor-M2KM تىپلىق ئايروپىلان ئاتار، 4  دانە گراد تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 1 دانە D-20 ، 1 دانە D-30 ۋە 2 دانە D-1 تىپلىق زەمبىرەك، بىر قانچە دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە بىر قانچە ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىكى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقى، دۈشمەننىڭ ئاپتوموبىل، ئوق- دورا ۋە يېقىلغۇلىرىنىڭ تۈگەشكە ئاز قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقى ۋە بارلىق ئالدىنقى سەپلەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ۋە گورانبوي ، تەرتەر ، ئاغدام ۋە ئاغجابەدى قاتارلىق ۋىلايەتلەرنى ئوققا تۇتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر