ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر ۋىلايىتىدىكى بىر قەبرىستانلىققا ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تەرتەردىكى بىر قەبرىستانلىققا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 3 پۇقرا يارىلاندى.

1509665
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر ۋىلايىتىدىكى بىر قەبرىستانلىققا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېۋ ۋەقە توغرىسىدا تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بەردى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر ۋىلايىتىدىكى بىر قەبرىستانلىققا «قەستەن» ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھاجىيېۋ، ھۇجۇمدا 3 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 3 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئەرمېنىيەنىڭ ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنىڭ پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھالدا تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەزەربەيجاننىڭ بولسا، پۇقرالارنى قوغداش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر