ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى «AZTV»  مۇخبىرلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر شەھىرىدىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇمىنى تەقىپ قىلىۋاتقان ئەزەربەيجان دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى «AZTV» نى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

1508833
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى «AZTV»  مۇخبىرلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا مۇخبىرلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى يارىلاندى.

«AZTV» نىڭ ئۇرۇش مۇخبىرى ئېلنۇر توفىگ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز ئەتىگەندە تەرتەرنىڭ دۇۋېرلى يېزىسىدىكى بىر مەكتەپكە توپ ئوقى چۈشكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. نەق مەيدانغا بېرىپ ۋەقەنى سۈرەتكە ئالدۇق. شۇ جەرياندا يېڭى ھۇجۇملار يۈز بەردى» دېدى.

ئېلنۇر توفىگ مەكتەپ بىناسىنىڭ ئىچىدىكى چاغدا بىر توپ ئوقۇنىڭ مەكتەپكە تەگكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۆگزىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى بايان قىلىپ، «بىز دەرھال مەكتەپ بىناسىدىن چىقتۇق، بىراق ئاپتوموبىلىمىز تۇرغان جايغا يەنە 4-5 پاي توپ ئوقى چۈشتى» دېدى.

ماشىنىغا قاراپ يۈگۈرگەندە يەنە بىر چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئېلنۇر توفىگ، «شوپۇرىمىزنىڭ بېشى ۋە قورسىقىدىن يارىلانغانلىقىنى كۆردۈم، بىز ئۇنى دەرھال ماشىنىغا ئالدۇق، بىز بىلەن يەنە بىر پۇقرامۇ بار ئىدى، ئۇمۇ يارىلانغان ئىدى، بىز ئۇنى تەرتەر شەھەر مەركىزىگە ئېلىپ باردۇق» دېدى.

ئېلنۇر توفىگ ئاپتوموبىللىرىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىراق ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خۇداغا شۈكرى ئامان قالدۇق، بىز ھەر كۈنى پروگراممىمىزدا پۇقرالار ۋە ئولتۇراق رايونلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا ئىدۇق، ئەمما بۈگۈن بىز خەۋەر تەييارلاۋېتىپ، ئۆزىمىز خەۋەرگە ئايلاندۇق» دېدى.

ئېلنۇر توفىگ مۇخبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملىق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەرتەر شەھەر مەركىزىگە قارىتىلغان زەمبىرەك بومباردىمانىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى 27 - سېنتەبىردىن 14 - ئۆكتەبىرگىچە ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 43 ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 206 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر