ئەرمېنىيە قىسىملىرى تەرتەر-ئاگدام لىنىيىسىدە، بىر مەكتەپنى توپقا تۇتۇپ ۋەيران قىلدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) قاناللىرى ئەرمىنىيە ھۇجۇم نىشانى قىلغان مەكتەپنى خەۋەر قىلدى.

1509010
ئەرمېنىيە قىسىملىرى تەرتەر-ئاگدام لىنىيىسىدە، بىر مەكتەپنى توپقا تۇتۇپ ۋەيران قىلدى
Ermenistan'ın Gence'ye Saldırısı 6.jpg
Ermenistan'ın Gence'ye Saldırısı 2.jpg
ermenistan saldiri suruyor video kapak.png
Ermenistan'ın Gence'ye Saldırısı 3.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە پەرۋا قىلماستىن، ئەزەربەيجاندىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەتىگەندە تەرتەرنى  قاتتىق توپقا تۇتتى. تەرتەر-ئاگدام لىنىيىسىدىكى بىر مەكتەپ بومباردىمان قىلىندى.

ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان مەكتەپنى «TRT Haber» قانىلى كۆرسەتتى.

بۈگۈنگە قەدەر ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مەكتەپلەرنىڭ سانى تەرتەر رايونىدىلا 13 كە يەتتى.

پۇقرالار، ژۇرنالىستلار ۋە ئاممىۋى بىنالار ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ توختىماي ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئەرمەنىستان قىسىملىرى ئەزەربەيجاننىڭ تەرتەر شەھىرىدە پۇقرالارغا قىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەزەربەيجان دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (AZTV) ئەترىتىنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋە مۇخبىرلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى ھۇجۇمدا يارىلانغان ئىدى.

ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى 27 - سېنتەبىردىن 14 - ئۆكتەبىرگىچە ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 43 ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 206 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونىنى ئوققا تۇتىشىغا قارشى  27 - سېنتەبىر قايتۇرما ھۇجۇم باشلاپ، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان ئىدى. ھەزبىي بازىلىرىدىن قۇرۇق قالغان ئەرمېنىيە قىسىملىرى زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان 10 - ئۆكتەبىر رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شۇ يەر ۋاقتى سائەت 12:00 دىن باشلاپ تاغلىق قاراباغدا دەپنە مۇراسىمى ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پىلانلىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بىراق  ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ ئارىدىن 24 سائەتمۇ ئۆتمەستىن، 11 – ئۆكتەبىردە ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە نەتىجىدە 9 پۇقرا قازا قىلىپ، 35 پۇقرا يارىلانغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، چۈشتە ئالدىنقى فىرونتنىڭ فۇزۇلى تەرىپىگە قاراپ ئۇچقان ئەرمېنىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئەزەربەيجان ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيىسى 12 - ئۆكتەبىردىمۇ ئەرمېنىيەگە تەۋە 3 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر