ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ئولتۇراق رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 42 پۇقرا قارا قىلدى

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ئولتۇراق رايونىغا زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 42 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 206 پۇقرا يارىلاندى.

1508318
ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ئولتۇراق رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، 42 پۇقرا قارا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى 27 - سېنتەبىردىن 13 - ئۆكتەبىرگىچە ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن كېلىپ چىققان ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك زىيانلىرىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە 42 ئەزەربەيجان پۇقراسى قازا قىلىپ، 206 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 1479 ئۆي، 66 تۇرالغۇ ۋە 241 ئاممىۋى بىنا ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا 27 - سېنتەبىر قايتۇرما ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ،  ئەرمىنىيە قىسىملىرى ھەربىي بازىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا، 10 - ئۆكتەبىر شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 12:00 دىن باشلاپ، تاغلىق قاراباغدىكى دەپنە مۇراسىمى ۋە مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش قارارى ماقۇللىغان ئىدى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ ئارىدىن 24 سائەتمۇ ئۆتمەستىن، ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، 10 كىشى قازا قىلىپ، 35 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر