ئەزەربەيجان: قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيە بولۇشى كېرەك

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئۇچرىشىشلارغا، تۈركىيەنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1507549
ئەزەربەيجان: قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيە بولۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئەرمېنىيە بىلەن تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ئۇچرىشىشلارنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، بىراق تۈركىيەنىڭ ئۇچرىشىشلاردا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا باشچىلىق قىلغان مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تەرەپكە يانباسىدىغانلىقىنى، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە باشقا خەلقئارالىك كىرىزىسلاردا دۇنياۋى كۈچ دەپ قارالغان تۈركىيەنىڭ مۇساپىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر