ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە، تاغلىق قاراباغدا ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە مېيىت ۋە ئەسىر  ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

1506349
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى توقۇنۇشلار توغرۇلۇق، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە، ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوھراب مناتساكانيان، تۈنۈگۈن موسكۋادا چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇدا 10 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئورتاق باياننامىنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇپ مۇنداق دېگەنىدى: «2020 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن ئېتىبارەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەقسىتىدە خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئەسىر، تۇتقۇن ۋە مېيىت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى.»

ئۇرۇش توختىتىش پىرىنسىپلىرى توغرۇلۇق ئايرىم خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن لاۋورۋ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە، مەسىلىنى ئەڭ تېز تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش پىرىنسىپلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، تەرەپلەرنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچى فورماتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، ئەزەربەيجان ئىشغالدىن ئازاد قىلغان ھادرۇتتىكى ئولتۇراق رايونلىرىغا راكېتامىيوتلار بىلەن قويۇق ھۇجۇم قىلماقتا.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىشغال ئاستىدىكى خوجالىدىن ھادرۇتقا راكېتامىيوتلار بىلەن قويۇق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر