ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تالاپىتىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، ئەرمېنىيەنىڭ 250 تانكا ۋە برونىك ئاپتوموبىلىنى، 270 زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى، 8 دانە ئوق - دورا ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلدى.

1504622
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ تالاپىتىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، بەزى جايلارنى ئەرمېنىيە قىسىملىرىدىن خالىيلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆپ ساندا ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ئۈسكۈنە ۋە قوراللىرىنىڭ ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، «ئەزەربەيجان ئارمىيەسى 27 – سېنتەبىردىن 7 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندا ئەرمېنىيەنىڭ 250 تانكىسى ۋە برونىك ماشىنىسى، 270 زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، 60 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 11 قوماندانلىق قىلىش ۋە كۆزىتىش ئورنى، 8 ئوق - دورا ئىسكىلاتى، تەخمىنەن 150 ھەربىي يۈك ماشىنىسى ۋە بىر دانە S-300 سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر