ئەرمېنىيە باكۇ - تىفلىس - جەيھان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى
ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، باكۇ - تىفلىس - جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى.
1504244

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كەچ سائەت 21:00 ئەتراپىدا يەۋلاھ ۋىلايىتىنى بېسىپ ئۆتىدىغان باكۇ - تىفلىس - جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ۋاقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باكۇ – تىفلىس – جەيھان نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاساسلىق ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا «تېررورلۇق قىلمىشى» دەپ باھا بېرىلدى.