ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بىر قىسىم يېزا – قىشلاقلارنى كونترول ئاستىغا ئالدى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، جېبرايىل ۋىلايىتىنىڭ 3 يېزىسى بىلەن بىر قىسىم ئىستىراتېگىيەلىك ئېگىزلىكلەرنى كونترول ئاستىغا ئالدى.

1503578
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى بىر قىسىم يېزا – قىشلاقلارنى كونترول ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كۈن بويى داۋاملاشقان توقۇنۇشلار جېبرايىل تەرەپكە مەركەزلەشتى ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى شىھالى ئاغالى، سارىجالى ۋە مەزرە يېزىلىرىنى ئازاد قىلدى.

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدا بىرقانچە ئىستىراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنىمۇ ئەرمېنىيە كۈچلىرىدىن تازلىدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، جەبرايىل ۋىلايىتىنىڭ شىھالى ئاغالى، سارىجالى ۋە مەزرە يېزىلىرىنى، ھەمدە ئوخشىمىغان جايلاردىكى بىرقانچە ئىستىراتېگىيەلىك ئېگىزلىكنى ئازاد قىلدى. قەھرىمان ئارمىيەمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا، قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭدۇر.»

ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 4 «Grad» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن 3 تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئالغا ئىلگىرىشى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىمۇ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

دۆلەتنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى گانجە بىلەن تەرتەر،  ئاغدام، ئاغجەبەدى، بەيلەگان، گۆيگۆل، بەردە ۋە گورانبوي ۋىلايەتلىرىنىڭ مەركەزلىرى ۋە بىر قىسىم يېزا – قىشلاقلار قويۇق توپقا تۇتۇلدى.

بەردە ۋە ئاغدامغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەرمېنىيەنىڭ 27 – سېنتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ سانى 27 گە، يارىلانغانلار سانى 141 گە يەتكەن، 376 ئۆي - ماكان ۋە 63 دۆلەت بىناسى زىيانغا ئۇچرىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يېن يۋېس لېردرىئان ئورتاق باياننامە ئىمزالاپ، تەرەپلەرنى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى نىنول پاشىنيان بىلەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بولسا، ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

موسكۋا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىنى موسكۋادا ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر