ئەزەربەيجان: ياللانما ئەسكەرلەر ئەرمېنىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى

ئەزەربەيجان، ئەرېۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايونلارغا چەت ئەل ياللانما ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كېلىشىنىڭ، تېررورىزمنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1500602
ئەزەربەيجان: ياللانما ئەسكەرلەر ئەرمېنىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ۋە ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرىغا باھا بېرىپ، ئەرمېنىيەنىڭ بۇ خىل ئۇسۇللارنى كەڭ قوللىنىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەزەربەيجاننىڭ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى: «ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىلايەتلەرنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا ۋە كېيىنكى دۆلىتىمىزگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا چەت ئەللەردىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىن تېرورچىلارنى ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.

ئەرمېنىيەنىڭ يېقىنقى ئايلاردا قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشغال قىلىنغان رايونلارغا چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنى ئېلىپ كېلىشى ۋە ئۇلارنى «پىدائىي گۇرۇپپىلار» نامىدا ئەزەربەيجانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا ئىشقا سېلىشى، تېررورىزمنىڭ ئەرمىنىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر