ئىنتېرنېت تور جىنايەتلىرىگە قارشى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەر بولۇشى كېرەك

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئانتاليا سەرىك ناھىيەسى بەلەك ساياھەتچىلىك مەركىزىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئىنتېرنېت تور سودىسى كونفېرانسىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئىنتېرنېت تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن دۇنياۋى كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىلەر بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.