سۈرىيەدە ئامېرىكا – تۈركىيە 2 – ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بىخەتەر رايون قۇرۇش تۇنجى باسقۇچلۇق ھەرىكىتى دائىرىسىدە، قۇرۇغلۇقتىن 2ئورتاق چارلاش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

شانلىئۇرفانىڭ ئاقچەقەلئە ناھىيەسىنىڭ 15 كېلومېتىر شەرقىدە تۈرك بايراقلىرى ئېسىلغان 4 بىرونىۋىك ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن تۈرك ئارمىيە ئەترىتى، ئورتاق چارلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتۈپ، ئامېرىكا قىسىملىرى ئەترىتى بىلەن ئۇچراشتى. 

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى تەلابياد ئەتراپىدا قۇرۇغلۇقتىن بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارىدۇ.

چېگرانىڭ نول نۇقتىسىدا نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار ئەھۋاللارنى كۆزەتمەكتە.

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم قۇرۇغلۇقتىن ئورتاق چارلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، 6 قېتىم ئورتاق تىك ئۇچار بىلەن ھەرىكەت قىلغان ئىدى.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە 8سىنتەبىردە تۇنجىسى ئىشقا ئاشقان ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى تەخمىنەن 3 سائەت داۋاملاشقان ئىدى.