ساراينىڭ لەززەتلىرى (16) – بورانى

ئوسمانلى سارىيىنىڭ بىر – بىرىدىن ئېسىل تائاملىرىنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان «ساراينىڭ لەززەتلىرى (ساراينىڭ مەززىلىك تائاملىرى)» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرنى دۇنيانىڭ تۇنجى ئىلىم – پەن مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان شانلىئۇرفاغا يەنە بىر قېتىم ئېلىپ بارىمىز. بۇ ھەپتىلىك تامىقىمىز بورانىنى ئۇرفانىڭ يەتتە يۈز يىللىق ئۆتمۈشكە ئىگە بىر كارۋانسارىيىدا تەييارلايمىز.

 

بۇ تاماقنى تەييارلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نەرسىلەر:

1 كىلوگىرام ئۇششاق توغرالغان پاقلان گۆشى

1 سۇ ئىستاكانى بۆرۈلجە (چوكا پۇرچاق)

1 سۇ ئىستاكانى نوقۇت

1 تۇتام پازى (ياۋا يېسسىۋىلەك، پەقەت ياپراقلىرىلا ئىشلىتىلىدۇ)

1 كىچىك قوشۇق تۇز

1 چاي قوشىقى قارىمۇچ

2 لىتېر سۇ

2 تاماق قوشىقى ماي

50 گىرام قۇيرۇق يېغى