ساراينىڭ لەززەەتلىرى (8) – كابۇنى پولۇسى (پىلاۋى)

ئوسمانلى سارىيىنىڭ بىر – بىرىدىن ئېسىل تائاملىرىنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان «ساراينىڭ لەززەتلىرى (ساراينىڭ مەززىلىك تائاملىرى)» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرنى ئىسمىنى دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق دورا – دەرمىكى سافراندىن ئالغان سافرانبولۇ شەھىرىگە ئېلىپ بارىمىز ۋە بۇ ھەپتىلىك تامىقىمىز كابۇنى پولۇسىنى توكاتلى ئازگىلى بويىدىكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئەينەك ئۆگزىسىنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغان ھالدا تەييارلايمىز.

 

بۇ تاماقنى تەييارلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نەرسىلەر:

250 گرام قوي گۆشى

ئۈچ قوشۇق نورمال ياغ

ئىككى ئىستاكان گۈرۈچ

ئىككى يېرىم ئىستاكان سۇ

50 گرام ئاقلانغان بادام

بىر قوشۇق ئاقلانغان فىستىق

ئىككى قوشۇق قۇرۇق ئۈزۈم

بىر تۇتام سافران

تۇز ۋە تارچىن

بۇ تاماقنىڭ قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇستا ئاشپەز – كۈلتۈر تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككورنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق ئۆگىنىمىز. ئۆگىنىشىمىزنى بىرلىكتە سافرانبولۇنى سەيلە قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشلايمىز... قېنى مەرھەمەت!