ساراينىڭ لەززەەتلىرى (6)– مۇتانجانا

ئوسمانلى سارىيىنىڭ بىر – بىرىدىن ئېسىل تائاملىرىنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان «ساراينىڭ لەززەتلىرى (ساراينىڭ مەززىلىك تائاملىرى)» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرنى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى ئەدىرنە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئەدىرنە سارىيى ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدا «مۇتانجانا» ناملىق تاماقنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇللىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

 

بۇ تاماقنى تەييارلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نەرسىلەر:

بىر كىلوگرام توغرالغان قوي گۆشى

بىر كىلوگرام كىچىك باش پىياز

ئۈچ تاماق قوشۇقى سېرىق ماي

بىر تاماق قوشۇقى ئۇن

ئىككى ئىستاكان سۇ

تۇز

بىر تاتلىق قوشۇقى سۇماك (سىر دەرىخى ئەزمىسى)

بىر چىمدىم زەنجىۋىل

بىر تاماق قوشۇقى ھەسەل

تۆت دانە ئەنجۈر قېقى

50 گرام ئاقلانغان بادام    

50 گرام قۇرۇتۇلغان قارا ئۈزۈم

 

 

بۇ تاماقنىڭ قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇستا ئاشپەز – كۈلتۈر تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككورنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق ئۆگىنىمىز. ئۆگىنىشىمىزنى بىرلىكتە ئەدىرنەنى سەيلە قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشلايمىز... قېنى مەرھەمەت