قەلەندەرخانا جامەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قەلەندەرخانا جامەسى ئەسلىدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ياسالغان بىر چېركاۋ بولۇپ، 18 – ئەسىردە جامەگە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ جامە ئوسمانلى دەۋرىدە دەرۋىشلەرنىڭ «قەلەندەر تەرىقىتى» گە مەنسۇپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەچكە «قەلەندەرخانا جامەسى» دەپ ئاتالغان. ئىستانبۇلنىڭ ۋەفا مەھەللىسىگە جايلاشقان.